ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا كۈنلەيدۇ، مۇئ‍مىنمۇ كۈنلەيدۇ، ئاللاھنىڭ كۈنلىشى بولسا، مۇئ‍مىننىڭ ئاللاھ تائالا ھارام قىلغان ئىشقا يېقىنلىشىشىدىن ئىبارەتتۇر». تېكىست توغرا - بىرلىككە كەلگەن
explain-icon

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ كۈنلەيدىغانلىقى، غەزەپلىنىدىغانلىقى، ئۆچ كۆرۈدىغانلىقىنى خەۋەر بېرىدۇ، ئاللاھ تائالانىڭ كۈنلىشىنىڭ سەۋەبى بولسا، مۆمىن كىشىنىڭ ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا ھارام قىلغان زىنا، بەچچىۋازلىق، ئوغۇرلۇق، ھاراق ئېچىش قاتارلىق پاھىشە ئىشلارغا يېقىنلىشىشىدىن ئىبارەتتۇر.

explain-icon

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  • ئاللاھ تائالا چەكلىگەن ئىشلارنى قىلغاندا ئاللاھنىڭ غەزىبىدىن ۋە ئازابىدىن ھەزەر قىلىش كېرەك.