بەندە ئۆز پەرۋەردىگارىغا بىر غېرىچ يېقىنلىشىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا بىر گەز مىقدارىدا يېقىنلىشىدۇ، ئەگەر بەندە پەرۋەردىگارىغا بۇنىڭدىنمۇ بەكرەك يېقىنلىشىدىكەن، ئاللاھ ئۇ بەندىسىگە ئۇنىڭدىنمۇ بەكرەك يېقىنلىشىدۇ. بەندە پەرۋەردىگارىغا مېڭىپ كەلسە، ئاللاھ ئۇنىڭغا يۈگۈرۈپ كېلىدۇ. (يېقىنلىشىش ۋە كېلىش) تىن ئىبارەت بۇ ئىككى سۈپەت بولسا؛ ئاللاھ تائالانىڭ سابىت سۈپەتلىرىدىندۇر. بىز ئۇ ئىككى سۈپەتكە خاراكتېرىنى ئۆزگەرتمەستىن، بىر نەرسىگە ئوخشاتماستىن، ئۆزگەرتمەستىن ۋە ئېزاھلىماستىن شۇ بويىچە ئىمان ئېيتىمىز