بۇ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام؛ ئاللاھ تائالانىڭ قىيامەت كۈنىدە زېمىننىڭ ھەممىسىنى چاڭگاللايدىغانلىقى، ئاسماننىڭ بەزىسىنى بەزىسىگە ئوراپ ئوڭ قولى بىلەن قاتلاپ يوق قىلىۋېتىدىغانلىقى ئۇنىڭدىن كېيىن:«مانا مەن پادىشاھ! زېمىننىڭ پادىشاھلىرى قىنە؟!» دەيدىغانلىقىدىن خەۋەر بېرىدۇ.