پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام دۇنيانىڭ ئوتىنىڭ جەھەننەمنىڭ ئوتىنىڭ يەتمىشتىن بىر قىسمىغا باراۋەر كېلىدىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر بەردى. ئاخىرەتنىڭ ئوتىنىڭ كۆيدۈرىشى ۋە ھارارىتىنىڭ كۈچلۈك بولىشىدا دۇنيانىڭ ئوتىدىن ئاتمىش توققۇز ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ، ھەر بىرىنىڭ كۆيدۈرىشىنىڭ كۈچلۈكلىكى دۇنيانىڭ ئوتىغا باراۋەر كېلىدۇ. ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! دۇنيانىڭ ئوتىمۇ دوزاختىكىلەرنى ئازابلاشقا كۇپايە قىلاتتىغۇ؟ دېيىلگەن ئېدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «جەھەننەمنىڭ ئوتى دۇنيانىڭ ئوتىغا ئاتمىش توققۇز ھەسسە ئارتۇق قىلىندى، ھەممىسىنىڭ كۆيدۈرىشى كۈچلۈكلۈكتە دۇنيانىڭ ئوتىغا ئوخشايدۇ» دېدى.