بۇ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىنساننى جەننەتكە كىرگۈزىدىغان ئەڭ كاتتا سەۋەپلەردىن تۆۋەندىكى ئىككىنى بايان قىلىپ بەردى: ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىش ۋە گۈزەل ئەخلاق. ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىش دېگەن: ئىنسان ئۆزى بىلەن ئاللاھنىڭ ئازابىنىڭ ئارىسىغا ساقلىنىدىغان بىرنەرسە قىلىشتۇر. ئۇ ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئادا قىلىش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىش بىلەن بولىدۇ. گۈزەل ئەخلاق دېگەن: ئوچۇق چېراي بولۇش، ياخشىلىق قىلىش ۋە ئەزىيەت يەتكۈزۈشتىن قول يىغىشتۇر. دوزاخقا كىرگۈزىدىغان كاتتا سەۋەپلەردىن ئىككى سەۋەپ بولۇپ، ئۇ ئىككىسى: تىل ۋە ئەۋرەت. تىلنىڭ ئاسىيلىقى بولسا: يالغان سۆز قىلىش، غەيۋەت قىلىش، سۇخەنچىلىك قىلىش قاتارلىقلاردۇر. ئەۋرەتنىڭ ئاسىيلىقى: زىنا، بەچچىۋازلىق ۋە باشقىلار.