بىر ئادەم پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! بىزنىڭ بىرىمىز كۆڭلىدە بىر نەرسىلەرنى تاپىدۇ، ئۇنى ئېغىزدىن چېقىرىش قىيىن بولۇپ، ئۇنى سۆزلىگەندىن كۆيۈپ كۈل بولۇپ كىتىشنى ياخشى كۆرىدۇ دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىككى قېتىم تەكبىر ئېيتىپ شەيتاننىڭ ھېلە-مىكرىنى ۋەسۋەسىگە قايتۇرىۋەتكەن ئاللاھقا ھەمدۇ-سەنالار ئېيتتى.