پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام شەيتاننىڭ مۇئمىننى ۋەسۋەسە قىلىپ كۆڭلىگە تاشلايدىغان سوئاللىرىدىن قۇرتۇلۇشنىڭ ئىلاجىنى بايان قىلىپ بەردى. شەيتان: بۇنى كىم ياراتتى؟ بۇنى كىم ياراتتى؟ ئاسماننى كىم ياراتتى؟ زېمىننى كىم ياراتتى؟دەيدۇ. مۇئمىن دىنى تەرەپتىن، ئەقلى تەرەپتىن ۋە تۇغما تەبىئەت تەرەپتىن: ئاللاھ ياراتتى دەپ جاۋاپ بېرىدۇ. لېكىن شەيتان ۋەسۋەسىدىن بۇ دەرىجىدە توختىمايدۇ بەلكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىگە يېتىپ: رەببىڭنى كىم ياراتتى؟ دەيدۇ. شۇ ۋاقىتتا مۇئمىن بۇ ۋەسۋەسىنى تۆۋەندىكى ئۈچ تۈرلۈك ئىش بىلەن مۇداپىئە قىلىدۇ: ئاللاھقا بولغان ئىمان. ئاللاھقا سېغىنىپ شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىدىن پاناھلىق تېلەش. ۋەسۋەسە بىلەن يۈرۈپ كەتمەي دەرھال توختاش.