مۇشرىكلاردىن بىر قىسىم كىشىلەر پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كەلدى، ئۇلار نۇرغۇن كىشىلەرنى ئۆلتۈرگەن ۋە كۆپ قېتىم زىنا قىلغان كىشىلەر ئېدى، ئۇلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا: سەن دەۋەت قىلىۋاتقان ئىسلامنىڭ كۆرسەتمىلىرى بەك ياخشى ئېكەن، لېكىن بىز ئادەم ئۆلتۈرۈش، زىنا قىلىش قاتارلىق چوڭ گۇناھلارنى سادىر قىلدۇق، بۇنىڭ كاپارىتى بارمۇ؟ دەيدۇ. ئاللاھ تائالا كىشىلەرنىڭ چوڭ گۇناھلىرى ئۈچۈن قىلغان تەۋبىسىنى قوبۇل قىلغاندا بۇ ئىككى ئايەت نازىل بولغان، ئەگەر ئۇنداق بولمىغان بولسا ئېدى، ئۇلار شېرىك كەلتۈرۈش، ھەددىدىن ئېشىش قاتارلىق خاتالىقلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ ئىسلام دىنىغا كېرمىگەن بولاتتى.