بۇ ئايەت نازىل بولغاندا: ﴿ثُمَّ لَتُسْأَلُنَّ يَوْمَئِذٍ عَنِ النَّعِيمِ*﴾ تەرجىمىسى: «ئاندىن (دۇنيادا سىلەرگە بېرىلگەن) نېمەتلەردىن سوئال ـ سوراق قىلىنىسىلەر». يەنى: ئاللاھ تائالانىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېمەتلىرىنىڭ شۈكىرسىنى ئادا قىلدىڭلارمۇ؟ بۇنىڭدىن سورىلىسىلەر. زۇبەير بىن ئەۋۋام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! بىز قايسى نېمەتتىن سوئال-سوراق قىلىنىمىز؟! بىز نېمەتلىنىۋاتقىنىمىز سوئال سورالغىدەك نەرسە ئەمەس، ئۇ نەرسىلەر خۇرما بىلەن سۇدىن ئىبارەتقۇ؟دېدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «سىلەر ياشاۋاتقان مۇشۇ ھالەتتىكى نېمەتلەردىن سوئال سوراق قىلىنىسىلەر، سۇ بىلەن خورما بولسا ئاللاھنىڭ كاتتا نېمەتلىرىدىن بولغان بىر نېمەتتۇر» دېدى.