ھەدىسنىڭ مەنىسى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئەمرۇ ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىدىن ئۇ ئۆيىنىڭ بۇزۇلغان يەرلىرىنى ئوڭشاۋاتقاندا ياكى ئۇنى پۇختىلاش ئۈچۈن ئىشلەۋاتقاندا ئۆتتى. ئەبۇ داۋۇتنىڭ رىۋايىتىدە: «باغنىڭ تېمىنى سۇۋاۋاتاتتىم» دەپ كەلگەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مەن ئىشنى ئۇنىڭدىنمۇ تېزراق دەپ قارايمەن» دېدى، يەنى: مەن ئەجەلنى سەن ئۆلۈپ كېتىشتىن بۇرۇن ئۆيۈڭنىڭ ئۆرۈلۈپ كېتىشىدىن قورقۇپ، ئوڭشىشىڭدىنمۇ تىزراق بولامدىكىن، بەزى ۋاقىتتا ئۆي ئۆرۈلۈشتىن ئېلگىرى ئەجىلىڭ يېتىپ قالامدىكىن دەيمەن، ئۆيۈڭنى ئوڭشاشتىن ئېلگىرى ئەمەلىڭنى ئىسلاھ قىلغىنىڭ ياخشىراقتۇر دېدى، ھەدىسنىڭ كۆرۈنىشىدىن ئۇنىڭ ئۆيىنى ئوڭشىشى بەك زۆرۈر بولمىغان ئىدى، بەلكى ئۇنىڭدا تاملىرىنى پۇختىلاش ئارزۇسى پەيدا بولغان ياكى ئۆيىنى زىننەتلەشكە مايىللىق بولغان ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: ئاخىرەتتە پايدىسى بولمايدىغان ئىشنى قىلماستىن، بەلكى ئاخىرەتنىڭ ئىشى بىلەن مەشغۇل بولۇشنىڭ بەكرەك پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى دەپ بەردى