ھەدىسنىڭ مەنىسى: كىمكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا كىشىلەردىن بىر نەرسە سورىماسلىق، ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن تۇرمۇش ئىشلىرىدا باشقىلاردىن ياردەم تىلىمەسلىككە ۋەدە بەرسە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە جەننەت بىلەن كاپالەت بەردى، چۈنكى مەخلۇقتىن بىر نەرسە سوراشنى تاشلاش بىلەن ئاللاھغا تەۋەككۇل قىلىدۇ، بۇ شۇ ئىنساننىڭ ئاللاھ تائالاغا بولغان ئىشەنچىسى ۋە ئۈمىدىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلىدۇر، ئۇنىڭ مۇكاپاتى بولسا، ئاللاھ ئۇ كىشىنى جەننەتكە كىرگۈزىشىدۇر، سەۋبان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بۇ ھەدىسنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا كىشلەردىن بىر نەرسە سورىماسلىققا ۋەدە بەرگەن، ھەتتا "ئىبنى ماجە"دە سەۋبان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن كەلگەن بىر ھەدىستە: «سەۋبان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇلاغقا مىنگەن ۋاقتىدا قامچىسى يەرگە چۈشۈپ كەتسە، ھېچ كىشىگە قامچامنى ئېلىۋەتكىن دېمەستىن، ئۆزى ئۇلاغدىن چۈشۈپ ئالاتتى