ئۇبەيدۇللاھ ئىبنى مېھسەن ئەنسارى خەتمىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى: «سىلەردىن كىمكى ھاياتلىقتا خاتىرجەم، تېنى ساغلام ۋە شۇ كۈنلۈك ئوزۇقلىقى يېتەرلىك ھالدا تاڭ ئاتقۇزسا، خۇددى پۈتۈن دۇنيا ئۇنىڭ ئۈچۈن توپلانغاندەك بولىدۇ» ھەسەن(ھەدىسنى سەھىھ قىلىدىغان تۆت شەرتى تولۇق بولۇپ بەشىنچى شەرتىدە مەسىلە بولسا ھەسەن بولىدۇ) - ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان