پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كۈننىڭ مەشرىقتىن چىقماستىن مەغرىبتىن چېقىدىغانلىقىدىن ئىبارەت قىيامەتنىڭ چوڭ ئالامەتلىرىدىن خەۋەر بەردى، كىشىلەر بۇنى كۆرگەندە ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىمان ئېيتىدۇ. ئۇ ۋاقىتتا كاپىرنىڭ ئىمانى مەنپەئەت بەرمەيدۇ، شۇنداقلا، ئۇ ۋاقىتتا قىلىنغان ياخشى ئەمەللەر ۋە تەۋبىمۇ مەنپەئەت بەرمەيدۇ. ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قىيامەتنىڭ تۇيۇقسىز بولىدىغانلىقى، ھەتتا قىيامەت بولغاندا كىشىلەر ئۆزىنىڭ كۈندىلىك ھايات ئىشلىرى ۋە تۇرمۇش ئەھۋالى بىلەن بولىدۇ. ساتقۇچى ۋە سېتىۋالغۇچى سودا -سېتىق قىلىش ئۈچۈن رەختلىرىنى يايىدۇ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا سودا پۈتمەي تۇرۇپ ۋە رەختلىرىنى قاتلىماي تۇرۇپ قىيامەت بولىدۇ. بىر كىشى سۈتلۈك تۆگىسىنى سېغىپ سۈتىنى ئېچەلمەستىن قىيامەت بولىدۇ. بىر كىشى سۇ تولدۇرۇش ئۈچۈن كۆلىنى قىرلاپ بولۇپ سۈيىنى ئېچەلمەستىن قىيامەت بولىدۇ. بىر كىشى قولىدىكى يېمەكنى ئېغىزىغا كۆتۈرۈپ ئاغزىغا سالماستىن قىيامەت بولىدۇ.