پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىيسا ئەلەيھىسسامنىڭ كىشىلەر ئارىسىدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ شەرىئىتى بىلەن ئادىل ھۆكۈم قىلىش ئۈچۈن چۈشىدىغان ۋاقتىنىڭ يېقىنلاشقانلىقىغا قەسەم قىلىدۇ. ئىيسا ئەلەيھىسسالام خىرىستىيانلار ئۇلۇغلايدىغان كېرست بەلگىسىنى سۈندۇرىدۇ. ئىيسا ئەلەيھىسسالام چوشقىلارنى ئۆلتۈرىدۇ. ئىيسا ئەلەيھىسسالام باجنى بىكار قىلىدۇ، ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىنى ئىسلام دىنىغا كېرىشكە يۈزلەندۈرىدۇ. مال-دۇنيا بەك كۆپ بولۇپ كېتىپ، ھەر بىر كىشى ئۆزىنىڭ قولىدىكى بايلىق بىلەن بىھاجەت بولۇپ، بەرەكەتلەر چۈشۈپ، ياخشىلىق بىر-بىرىگە ئۇلىشىپ كېلىۋاتقاچقا زاكاتنى قوبۇل قىلىدىغان ئادەم تېپىلمايدۇ.