ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا ئادەم ئاتىمىزنى ياراتقان چاغدا: ئاۋۇ ئولتۇرغان پەرىشتىلەرنىڭ ئالدىغا بېرىپ سالام بەرگىن، ئاندىن ساڭا قايتۇرغان سالىمىغا قۇلاق سالغىن، بۇ سېنىڭ ۋە ئەۋلادلىرىڭنىڭ سالىمىدۇر، دېدى» ئادەم ئاتىمىز: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دەپ سالام بەردى، پەرىشتىلەر: ئەسسالامۇ ئەلەيكە ۋە رەھمەتۇللاھ دەپ، ۋەرەھمەتۇللاھ دېگەن سۆزنى قوشۇپ سالام قايتۇردى سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
explain-icon

شەرھىسى

ئاللاھ تائالا ئاتىمىز ئادەم ئەلەيھىسسالامنى ياراتقان ۋاقتىدا، ئولتۇرغان پەرىشتىلەرنىڭ ئالدىغا بېرىپ سالام قىلىشقا ۋە ئۇلارنىڭ قايتۇرغان جاۋابىغا قۇلاق سېلىشقا بۇيرىدى، چۈنكى ئۇنىڭ بىلەن پەرىشتىلەرنىڭ ئارىسىدىكى بىر-بىرىگە قىلىنغان سالاملار، ئادەم ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ۋە ئۇلاردىن كېيىنكى پەيغەمبەرلەرگە ئەگەشكەن ۋە ئۇلارنىڭ يولىدا ماڭغان كىشىلەر ئۈچۈن يولغا قويۇلىدىغان ھۆرمەتلەش بولىدۇ. ئادەم ئاتىمىز پەرىشتىلەرنىڭ ئالدىغا بېرىپ: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دېدى، پەرىشتىلەر: ئەسسالامۇ ئەلەيكە ۋەرەھمەتۇللاھ دەپ ۋەرەھمەتۇللاھ دېگەن سۆزنى قېتىپ جاۋاپ قايتۇردى، بۇ سۆز باشقىلارغا سالام قىلغاندا ۋە سالامغا جاۋاپ قايتۇرغاندا قوللىنىش ئۈچۈن يولغا قويۇلدى. يەنە بىر ھەدىستە: سالام بەرگەندىمۇ ۋە سالامغا جاۋاپ قايتۇرغاندىمۇ ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ دېگەن سۆزنى قېتىپ دېيىش يولغا قويۇلغان دەپ رىۋايەت قىلىنغان