ئەييۇب ئەلەيھىسسالام يالىڭاچ يۇيۇنىۋاتقاندا ئۇنىڭ ئۈستىگە چىكەتكە شەكلىدىكى نۇرغۇن ئالتۇن چۈشتى، ئەييۇب ئەلەيھىسسالام ئۇنى ئېلىپ كىيىمى بىلەن ئورىغىلى تۇرىۋىدى، ئاللاھ تائالا: «ھەي ئەييۇب! مەن سېنى بۇنىڭدىن بىھاجەت قىلمىدىممۇ؟» دەپ نىدا قىلدى، ئەييۇب ئەلەيھىسسالام: «سېنىڭ ئىززىتىڭ بىلەن قەسەمكى، شۇنداق، لېكىن مەن ئۇنى ئاچكۆزلۈكتىن، دۇنياغا ھېرىسمەنلىكتىن ئالمىدىم، ھەقىقەتەن ئۇ سېنىڭ بەرىكىتىڭ بولغانلىقى ئۈچۈن ئالدىم» دېدى