ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى مۇسا ئەلەيھىسسالام بەك ھايالىق كىشى بولۇپ، ھايا قىلغانلىقتىن بەدىنىدىن بىرەر يېرىنى بىرەرسىگە كۆرسەتمەي ئوراپ يۈرۈشنى ياخشى كۆرەتتى، ئىسرائىل ئەۋلادلىرىنىڭ بەزىسى ئۇنىڭغا ئازار بېرىپ: ئۇ ياكى تېرىسىدە ئاق كىسەل ياكى يەل پوداقلىق ياكى بىرەر ئەيىپ ياكى كېسەل بولغاچقا مۇشۇنداق ئورۇنۇپ يۈرۈيدۇ،- دەپ سۆز-چۆچەك قىلىشتى. ئاللاھ تائالا مۇسا ئەلەيھىسسالامنى كىشىلەرنىڭ بۇ پىتنىسىدىن ئاقلاشنى ئىرادە قىلدى. بىر كۈنى مۇسا ئەلەيھىسسالام يالغۇز كېلىپ، كىيىملىرىنى بىر تاشنىڭ ئۈستىدە قويۇپ يۇيۇندى، يۇيۇنۇپ بولۇپ كىيىمنى ئېلىش ئۈچۈن تاشنىڭ يېنىقا كەلگەندە تاشنىڭ كېيىمىنى بىلەن دومىلاپ كېتىۋاتقىنىنى كۆردى، مۇسا ئەلەيھىسسالام ھاسىسىنى ئېلىپ، يالىڭاچ ھالەتتە تاشنىڭ كەينىدىن: ھەي تاش! كېيىمىمنى قايتۇرۇپ بەرگىن، دەپ توۋلاپ يۈگۈرۈپ، ھەتتا ئىسرائىل ئەۋلادىدىن بولغان بىر توپ كىشىلەرنىڭ ئارىسىدىن ئۆتتى، ئۇلار ئۇنى يالىڭاچ ھالىتىدە ئاللاھ ياراتقان ئەڭ چىرايلىق شەكىلدە كۆرۈپ، ئۇنىڭدا كېسەلمۇ ۋە ئەيىپمۇ يوقلىقىنى بىلىشتى، ئاللاھ مۇسا ئەلەيھىسسالامنى ئۇلارنىڭ سۆز-چۆچىكىدىن پاكلىدى، مۇسا ئەلەيھىسسالام تاشقا يىتىشىۋىلىپ، دەرھال كىيىمىنى ئېلىپ كەيدى ۋە تاشنى ھاسىسى بىلەن ئۇرۇپ كەتتى. تاشتا ھەقىقەتەن مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇرۇشىدىن قىلىپ قالغان ئۈچ ياكى تۆت ياكى بەشچە ئېزلار بار. ئاللاھ تائالانىڭ بۇ سۆزى ئىسرائىل ئەۋلادلىرى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى مۇسا ئەلەيھىسسالامغا بەرگەن بۇ ئازار توغرىسىدا نازىل بولغان: «ئى مۆمىنلەر! سىلەر مۇساغا ئازار قىلغان كىشىلەر (يەنى بەنى ئىسرائىل) دەك بولماڭلار، ئاللاھ مۇسانى ئۇلارنىڭ ئېيتقانلىرىدىن (يەنى تۆھمەتلىرىدىن) ئاقلىدى، مۇسا ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئابرۇيلۇق ئىدى»، سۈرە ئەھزاب 69-ئايەت. يەنى: سىلەر ئىسرائىل ئەۋلادلىرى مۇسا ئەلەيھىسسالامغا ئازار بەرگەندەك مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئازار بېرىشتىن ھەزەر قىلىڭلار، ئاللاھ تائالا مۇسا ئەلەيھىسسالامنى ئۇلارنىڭ دېگەن سۆزىدىن پاكلىدى، مۇسا ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا ئابرۇيلۇق ۋە مەرتىۋىلىك كىشى ئىدى