ئۇبەي ئىبنى كەئىب بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئادەم ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندا پەرىشتىلەر ئۇنى سۇ بىلەن تاق يۇدى ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن لەھەد كولاپ: بۇ ئادەمنىڭ ئەۋلادى ئىچىدىكى سۈننىتى،- دېيىشتى» سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھاكىم "مۇستەدرەك"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - تەبرانىي"مۆجەم كۇبرا"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
explain-icon

شەرھىسى

ئادەم ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندا پەرىشتىلەر ئۇنى سۇ بىلەن تاق يۇدى، يەنى: بىر قېتىم ياكى ئۈچ قېتىم ياكى بەش قېتىم يۇدى، قەبرە ئورىكىنىڭ يان تەرىپىنى كولاپ ئادەم ئەلەيھىسسالامنى شۇ يەرگە دەپنە قىلىپ: «بۇ ئادەمنىڭ ئەۋلادى ئىچىدىكى سۈننىتى» دېيىشتى، يەنى: ئادەم ئەۋلادى دادىسىغا ئوخشاش يۇقارقى شەكىلدە يۇيۇپ دەپنە قىلىنىدۇ، بۇنى ئادەم ئەۋلادىدىن پەقەت توغرا يول تۇتقانلارلا داۋاملاشتۇرىدۇ.