پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەدىستە، ئۇلۇغ ساھابە سەئد ئىبنى مۇئازنى ماختاپ مۇنداق دېگەن: ئۇنىڭ كېلىدىغانلىقىغا خۇشال بولغانلىقى ئۈچۈن راھمان تائالانىڭ ئەرشى ھەرىكەتلەنگەن ئىدى، ئاسماننىڭ ئىشىكلىرى ئۇنىڭغا رەھمەت قىلىنىشى ئۈچۈن ۋە پەرىشتىلەرنىڭ چۈشىشى ئۈچۈن ۋە ئۇنىڭ كېلىشىگە روھىنىڭ ئۆرلىشىگە زىننەتلەش ئۈچۈن ئېچىلغانىدى، چۈنكى مۆمىنلەرنىڭ روھلىرىنىڭ ماكانى يەتتە قات ئاسمان ئۈستىدىكى جەننەتتە بولىدۇ. يەنە بۇ ئۇلۇغ ساھابىنىڭ ئەۋزەللىكىنىڭ قاتارىدىن، ئۇنى ئۇلۇغلاش ئۈچۈن ئۇنىڭ جىنازىسىغا يەتمىش مىڭ پەرىشتە قاتناشقان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەئد ئىبنى مۇئازنىڭ ئاشۇنداق پەزىلىتى ۋە ئۇنىڭ ئاللاھ تائالا ھۆزۈرىدىكى ئالى ماقامىنى بايان قىلىپ تۇرۇپ، قەبرىنىڭ ئۇنى قاتتىق بىر سىققانلىقى، ئاندىن ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنى بوشاتقانلىقىنى بايان قىلدى. دېمەك بۇ سىقىشتىن ھېچكىم قۇتۇلالمايدۇ، ئەگەر بىرەركىم قۇتۇلغان بولسا ئەلۋەتتە سەئد ئىبنى مۇئاز قۇتۇلغان بولاتتى، دەپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۆزلەپ بەردى