پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدىكى ئورنىنى بايان قىلىپ ياخشى كۆرۈشتىن ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئېرىشكەندەك ئەڭ يۇقىرى دەرىجىگە يەتكەنلىكىنى خەۋەر بېرىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھتىن باشقا دوستى بولۇشنى رەت قىلدى، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قەلبى ئاللاھنىڭ سۆيگۈ مۇھەببىتى، ئۇلۇغلىقى ۋە ئاللاھنى ھەقىقى تونۇشقا توشۇپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭ قەلبىگە ئاللاھنىڭ غەيرىنىڭ سۆيگۈسى سىغمايدۇ. ئەگەر پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ كىشىلەر ئارىسىدا دوستى بولغان بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دوستى بولاتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن سۆيگۈ-مۇھەببەتتە ھەددىدىن ئېشىپ كىتىشتىن ئاگاھلاندۇردى، خۇددى يەھۇدىي-ناسارالار ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبەرلىرى ۋە سالىھ كىشىلەرنىڭ قەبرىسى توغرىسىدا ھەددىدىن ئېشىپ، ئاللاھنى قويۇپ قەبرە ساھىبىغا ئىبادەت قىلىدىغان ، ئۇلارنىڭ قەبرىسىگە گۈمبەز قاتۇرۇپ قەبرىستانلىقنى مەسچىت ۋە مەئبەد قىلىۋالغانلىقىدىن ئىبارەت شېرىك ئىشلىرىدىن ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۈممىتىنى ئۇلارغا ئوخشاش ئىش قىلىشتىن چەكلىدى.