ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بىزگە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەدىس سۆزلەپ بەردى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سۆزدە راستچىل ۋە سۆزىنى ئاللاھ تەستىقلىغانلىقى ئۈچۈن تەستىقلانغۇچىدۇر. سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ يارىتىلىشى جۇغلىنىدۇ، ئۇنداق بولىشى: ئەر كىشى ئايالى بىلەن بىرگە بولغاندا ئىككەيلەننىڭ ئايرىم بولغان مەنىيلىرى ئايالنىڭ رەھمىدە قىرىق كۈن ئىسپىرما ھالىتىدە جۇغلىنىدۇ. ئاندىن يەنە قىرىق كۈندە ئۇ مەنىي ئىسپىرمىسى ئۇيۇل قانغا ئۆزگىرىدۇ. ئاندىن يەنە قىرىق كۈندە ئۇ ئۇيۇل قان چاينالغان بىر چېشلەم گۆشكە ئۆزگىرىدۇ. ئاندىن ئاللاھ تائالا ئۇ چاينالغان گۆشكە بىر پەرىشتىنى ئەۋەتىدۇ، پەرىشتە ئۈچىنچى قېتىملىق قىرىق كۈن ئاخىرلاشقاندا ئۇنىڭغا روھنى پۈدەيدۇ. پەرىشتە ئۇنىڭغا تۆت تۈرلۈك ئىشنى يېزىشقا بۇيرۇلىدۇ، يەيدىغان رىزقى، ئۇ بولسىمۇ؛ دۇنيادا ياشىغان مۇددەتتە ئېرىشىدىغان نېئمەتنىڭ مىقدارىدۇر. ياشايدىغان مۇددىتى يەنى ئەجىلى، ئۇ كىشىنىڭ دۇنيادا ياشايدىغان مۇددىتى. ئەمىلى، نېمە ئىش قىلىدۇ؟ بەخىتسىزمۇ ياكى بەختلىكمۇ؟. ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قەسەم قىلىپ تۇرۇپ: بىر كىشى ئەلۋەتتە جەننەت ئەھلىنىڭ ئەمىلىنى قىلىدۇ، ئۇ كىشىنىڭ قىلغان ئىشى كىشىگە ياخشى ئىشتەك كۆرىنىدۇ، ئۇ كىشى ئىشىنى شۇ بويىنچە داۋاملاشتۇرىدۇ ھەتتا ئۇ كىشى بىلەن جەننەتكە يېتىشنىڭ ئارىسى پەقەت يېقىن قالغاندا، زېمىندىن ھېسابلىغاندا بىر غۇلاچ قالغاندا ئۇ كىشىگە ئىلگىرى يېزىلغان ۋە تەقدىر قىلىنغان نامە ئەمىلى غالىپ كېلىدۇ، شۇ ۋاقىتتا ئۇ كىشى دوزاخ ئەھلىنىڭ ئەمىلىنى قىلىدۇ ئۇنىڭ بىلەن ئەمىلى ئاخىرلىشىپ دوزاخقا كېرىدۇ. چۈنكى ئەمەلنىڭ قوبۇل بولىشىنىڭ شەرتى: شۇ ئىشنىڭ ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرۇش ئۆزگەرتىۋەتمەسلىكدۇر، كىشىلەردىن يەنە بىرى دوزاخ ئەھلىنىڭ ئەمىلىنى قىلىدۇ ھەتتا دوزاخقا كېرىشكە يېقىنلاشقاندا، گوياكى ئۇ كىشى بىلەن دوزاخنىڭ ئارىسى بىر غۇلاچتەك قالغاندا، ئۇ كىشىگە ئىلگىرى يېزىلغان ۋە تەقدىر قىلىنغان نامە ئەمىلى غالىپ كېلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن جەننەت ئەھلىنىڭ ئەمىلىنى قىلىپ جەننەتكە كېرىدۇ.