ھەكىم ئىبنى ھىزام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مەن: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! مېنىڭ جاھىلىيەت دەۋرىدە ئىبادەت دەپ قىلىدىغان سەدىقە، قۇل ئازاد قىلىش، ئۇرۇغ-تۇغقانچىلىقنى ئۇلاش قاتارلىق ئىشلىرىمغا ئەجىر بولامدۇ؟ ماڭا بۇ توغرىدا خەۋەر بەرسىلە دېسەم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئىلگىرى قىلغان ياخشىلىقىڭ بويۇنچە مۇسۇلمان بولغان بولساڭ ئەجىر-ساۋاپ بېرىلىدۇ» دېدى. تېكىست توغرا - بىرلىككە كەلگەن