پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇسامە ئىبنى زەيدنى بىر قوشۇنغا قۇماندان قىلىپ ئەۋەتتى. ئۇلار دۈشمەن بىلەن ئۇچراشقاندا ئۇلار گىرەلىشىپ جەڭ قىلدى، شۇ ئارىدا مۇشرىكلاردىن بىرى قاچتى، ئۇنىڭ كەينىدىن ئۇسامە ۋە بىر ئەنسارى ئۇنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن قوغلىدى، ئۇنىڭغا يىتىشىۋالغاندا ئۇ مۇشرىك: «لا ئىلاھە ئىللەللاھ» دېدى. ئەنسارى بولسا: ئۇ «لا ئىلاھە ئىللەللاھ» دېگەندىن كىيىن ئۇنىڭدىن قولىنى تارتتى، ئەمما ئۇسامە ئۇنى ئۆلتۈرۋەتتى. ئۇلار مەدىنىگە قايىتقاندا بۇ خەۋەر پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە يەتتى. رەسۇلۇللاھ ئۇسامەگە: «لا ئىلاھە ئىللەللاھ» دېسىمۇ ئۆلتۈرۋەتتىڭمۇ؟ دېگەندە. ئۇسامە: شۇنداق، ئەمما ئۇ ئۆلۈمدىن قورقۇپ، جېنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن شۇنداق دېدى، ئى رەسۇلۇللاھ، دېدى. رەسۇلۇللاھ: «لا ئىلاھە ئىللەللاھ» دېسىمۇ ئۆلتۈرۋەتتىڭمۇ؟ دېگەندە. ئۇسامە: شۇنداق، ئەمما ئۇ جېنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن شۇنداق دېگەن، ئۇ مۇسۇلمانلاردىن كۆپ كىشىلەرنى يارىلاندۇردى، پالانچى پالانچىلارنى ئۆلتۈرۋەتتى، دېدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا: سەن بۇنداق جەزىملەشتۈرگۈدەك ئۇنىڭ قەلبىنى يېرىپ باققانمىدىڭ؟ قىيامەت كۈنىدە ئۇ «لا ئىلاھە ئىللەللاھ» دېگەن سۆزنى كۆتۈرۈپ كەلسە سەن نېمىمۇ قىلارسەن، ئۇ كۈندە «لا ئىلاھە ئىللەللاھ» دېگەن سۆزنى كۆتۈرۈپ كەلسە، تەۋھىد كەلىمىسىنى ئېيتقان كىشىنى نېمە سەۋەبتىن ئۆلۈردۈڭ دەپ سورالساڭ، كىم ساڭا شاپائەت قىلار، كىم سنى قوغدا ۋە مۇداپىئە قىلار، دېدى. ئۇسامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: مەن بۇندىن ئىلگىرى مۇسۇلمان بولماي، بۈگۈن مۇسۇلمان بولغان بولسامچۇ، دەپ ئارزۇ قىلىپ كەتتى. چۈنكى ئۇ ئىلگىرى مۇسۇلمان بولماي بۈگۈن ئىسلامغا كىرگەن بولسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ئىلگىرىكى قىلغان گۇناھلىرىنى كەچۈرۈم قىلغان بولاتتى. لېكىن ئۇ، بۇ قىلمىشىنى مۇسۇلمان تۇرۇپ قىلغان. شەرىئەت قائىدىسىدە: مۇسۇلمان بولۇش، ئىلگىرى قىلىنغان گۇناھلارنىڭ تامامىسىنى يۇيىدۇ