پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇسۇلمان بولۇشنىڭ پەزىلىتىنى بايان قىلىپ بەردى. كىمكى مۇسۇلمان بولۇپ، ئىسلامى گۈزەل، سەمىمى سادىق بولسا جاھىلىيەت دەۋرىدە قىلغان خاتا ئىشلىرىغا جازالانمايدۇ. كىمكى مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن ناچار ئىشلارنى قىلىدىكەن، مۇناپىقلىق قىلىدىكەن ياكى دىندىن يېنىۋېلىپ مۇرتەد بولىدىكەن، ئۇ كىشىنىڭ ئىلگىرى كاپىر ۋاقتىدا قىلغان ۋە مۇسۇلمان بولغان ۋاقتىدا قىلغان ھەممە ئىشلىرىدىن ھېساب ئېلىنىدۇ.