پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تاغىسى ئەبۇ تالىپ سەكراتتا ياتقاندا ئۇنىڭدىن: ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ئىلاق يوق دېگەن سۆزنى دېسە، بۇ سۆز بىلەن قىيامەت كۈنىدە ئۇنىڭ ئۈچۈن شاپائەت تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىغا گۇۋاھلىق بېرىدىغانلىقىنى تەلەپ قىلغان ئېدى، تاغىسى ئەبۇ تالىپ قۇرەيشلەرنىڭ ئۆزىنى تىللىشىدىن ۋە ئۇلارنىڭ ئەبۇ تالىپ ئاجىزلىشىپ، ئۆلۈمدىن قورقۇپ ئىمان ئېيتتى دېيىشىدىن قورقۇپ شاھادەت كەلىمىسىنى دېيىشتىن باش تارتتى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا: شۇ ئىش بولمىسا ۋە شۇنىڭدىن ئەنسىرىمىسەم شاھادەت كەلىمىسىنى ئېيتىش ئارقىلىق سېنىڭ كۆڭلۈڭگە خۇرسەنلىك كېرگۈزەتتىم، سېنى رازى بولىدىغان ئارزۇيىڭغا يەتكۈزەتتىم دېدى، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسلامغا ھىدايەت قىلىشقا ئېگە بولالمايدىغانلىقى، بەلكى ئاللاھ تائالا ئۆزى خالىغان كىشىنى ھىدايەتكە مۇۋەپپەق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئايەت نازىل قىلدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كىشىلەرنى توغرا يولغا دەۋەت قىلىش، ھەقكە يېتەكلەش، ھەقنى بايان قىلىپ بېرىدۇ.