مۇئاز بىن جەبەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىر ئۇلاغدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ كەينىگە مىنگىشىپ كېتىۋاتقاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنى چاقىرىپ: ئى مۇئاز؟ دەپ تكرار ئۈچ قېتىم چاقىردى، بۇنىڭدىن بولغان مەقسەت دەيدىغان سۆزنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش ئۈچۈندۇر. ئۈچ قېتىملىق چاقىرىقنىڭ ھەممىسىگە، مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خوش ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! خىزمەتلىرىگە ھازىرمەن، سىلىگە جاۋاپ بېرىش بىلەن ئۆزۈمنى بەختلىك ھېس قىلىمەن دەپ جاۋاپ بەردى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: كىمكى ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھەقىقى مەبۇد يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ رەسۇلى دەپ چىن دىلىدىن سەمىيمىلىك بىلەن گۇۋاھلىق بىرىپ شۇ ھالەتتە ۋاپات بولسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى دوزاخقا كىرگۈزمەيدۇ دېدى. مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ كىشىلەرنى خۇرسەن قىلىش ۋە ئۇلارغا بۇ ياخشىلىقتىن خوش بىشارەت بىرىشنى سورىغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كىشىلەرنىڭ بۇ سۆزگە تايىنىۋېلىپ، ئەمەلنى ئاز قىلىشىدىن ئەنسىرەپ خەۋەر بەرگىلى رۇخسەت قىلمىدى. مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋاپات بولغانغا قەدەر بۇ ھەدىسنى سۆزلىمىدى، ۋاپات بولۇش ئالدىدا ئىلىمنى يوشۇرغاننىڭ جىنايىتىگە چۈشۈپ قالماسلىق ئۈچۈن بۇ ھەدىسنى خەۋەر بەردى.