پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ بەندىلەر ئۈستىدىكى ھەققى ۋە بەندىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ ئۈستىدىكى ھەققىنى بايان قىلىپ، ئاللاھنىڭ بەندىلەر ئۈستىدىكى ھەققى بولسا: ئۇلارنىڭ يالغۇز بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش، ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەسلىك ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. بەندىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ ئۈستىدىكى ھەققى بولسا، ئاللاھ تائالا ئۆزىگە شېرىك كەلتۈرمىگەن تەۋھىد ئەھلى بولغان كىشىنى ئازابلىماسلىقتۇر. ئاندىن مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! كىشىلەرنىڭ خۇرسەن بولىشى ۋە بۇ ئارتۇقچىلىق بىلەن خوشال بولىشى ئۈچۈن ئۇلارغا خۇشخەۋەر بېرەيمۇ؟ دېدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كىشىلەرنىڭ بۇ سۆزگە تايىنىۋېلىشىدىن ئەنسىرەپ مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى ھازىرچە خۇشخەۋەر بېرىشتىن توستى.