پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ بەزى سەپەرلىرىدە ، كىشىلەر ئارام ئېلىش ئۈچۈن چېدىر قاتارلىق جايلارغا ئورۇنلاشقاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ يېنىغا كىشىلەرنى ئەۋەتىپ: «تۆگىلەرنىڭ بوينىغا ئاسقان ياچاق يېپى، كولدۇرما ۋە كۆز تۇمارى ۋە ئاياغ دېگەندەك نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئېلىۋېتىشكە بۇيرىدى، ئۇنداق بولىشى: ئۇلار بۇنداق نەرسىلەرنى كۆز تەگمىسۇن دەپ تۆگىلەرنىڭ بوينىغا ئېسىپ قوياتتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇنىڭ ھەممىسىنى ئۈزىۋېتىشكە بۇيرىدى، چۈنكى كۆز تېگىشتىن بولغان ھېچ بىر ئىشنى ئۇ نەرسىلەر قايتۇرالمايدۇ، پايدا-زىيان ھېچ قانداق شېرىكى يوق، يەككە-يىگانە ئاللاھنىڭ قولىدىدۇر.