پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇسۇلمان سۆز قىلغاندا :«ئاللاھ تائالا ۋە پالانى خالىسا» دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەرنى قىلىشتىن چەكلىدى. ياكى ئاللاھ تائالا خالىسا ۋە پالانى: بۇنداق بولىشى: ئاللاھ تائالانىڭ خالىشى ۋە ئىرادىسى مۇتلەق بولۇپ ئۇنىڭغا ھېچ كىم شېرىك بولالمايدۇ. كېيىنكى جۈملىنى باشتىكى جۈملىگە ئۇلاشتا«ۋاۋ» ھەرىپىنى ئىشلەتكەندە، كېيىنكى جۈملىدىكى بىر شەخسنى باشتىكى جۈملىدىكى ئاللاھ بىلەن شېرىك قىلىش ۋە ئۇ ئىككەيلەننىڭ ئارىسىنى باراۋەر قىلىشنى تەقەززا قىلىپ قويىدۇ. لېكىن ئاللاھ خالىسا ئۇنىڭدىن كېيىن پالانى خالىسا دېسە بولىدۇ. بەندىنىڭ خالىشىنى ئاللاھنىڭ خالىشىغا ئەگەشتۈرۈشتە «ۋاۋ» ھەرىپىنى ئىشلەتمەي، ئۇنىڭ ئورنىغا «سۈممە» ھەرىپىنى ئىشلەتكەندە، ئۇ ئەگىشىپ كېلىش ۋە كېيىن كېلىشنى بىلدۈرىدۇ.