ئون كىشىلىك بىر جامائەت پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كەلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلاردىن توققۇز كىشىدىن ئىسلامغا ۋە ھەقكە ئەگىشىش توغرىسىدا بەيئەت ئالدى، ئونىنچى كىشىنىڭ بەيئىتىنى قوبۇل قىلمىدى، ئۇنىڭ سەۋەبىدىن سورالغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئۇنىڭ بوينىدا تۇمار بار ئىكەن دېدى، تۇمار دېگەن: كۆز تېگىش ۋە زىياندىن ساقلىنىش ئۈچۈن بوينىغا ئېسىۋالىدىغان تېرىدىن قاپلانغان ياكى يىپكە تېزىلغان كۆز مۇنچاق دېگەندەك نەرسىلەر. ئۇ كىشى قولىنى بوينىغا كىرگۈزۈپ تۇمارنى ئۈزۇپ ئېلىۋەتتى، شۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىنىڭمۇ بەيئىتىنى قوبۇل قىلدى ۋە تۇمار ئېسىشتىن ئاگاھلاندۇرۇپ ، ئۇنىڭ ھۆكمىنى بايان قىلىپ بېرىپ مۇنداق دېدى: «كىمىكى تۇمار ئېسىۋالىدىكەن، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن بولىدۇ».