رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ھەدىستە بىزگە چوڭ گۇناھلاردىن دەپ قارىلىدىغان بىر قانچە گۇناھنى بايان قىلىپ بەرگەن. ئۇلارنىڭ بىرى، ئاللاھ تائالاغا ئىلاھلىق ۋە پەرۋەردىگارلىقتا بىر نەرسىنى شېرىك كەلتۈرۈش، بۇنى بىرىنچى قېتىمدا كەلتۈرىشى گۇناھنىڭ ئەڭ چوڭى بولغانلىقتىن، ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدنى ئۈزۈش ئاللاھ تائالاغا قارىتا يامان گۇمان قىلغانلىق ۋە كەڭ رەھمىتىگە كۆز يۇمغانلىقتۇر، ئاللاھ تائالانىڭ ئازابىدىن ئۇ كەلگەنگە قەدەر قورقماسلىق، ئىنساننىڭ چوڭ غەپلەتتە ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ ھەدىستە چوڭ گۇناھلارنى تۆرتكە يىغىپ خۇلاسىلەش ئەمەس، بەلكى بىر قىسمىنى بايان قىلىشتۇر، ھەقىقەتتە چوڭ گۇناھ تۈرىگە كىرىدىغان بۇنىڭدىن باشقا ئىشلارمۇ بار