پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھۈنەين ئۇرىشىغا چىقتى، ھۈنەين دېگەن مەككە بىلەن تائىپ شەھرىنىڭ ئارىسىدىكى بىر جىلغا بولۇپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن يېڭىدىن مۇسۇلمان بولغان بەزى ساھابىلار بار ئېدى. ئۇلار" زاتى ئەنۋات" دەپ ئاتىلىدىغان مۇشرىكلار ئۇلۇغلاپ، بەرىكەت تىلەپ، قوراللىرىنى ۋە باشقا نەرسىلىرىنى ئېسىپ قويىدىغان بىر دەرەخنىڭ يېنىدىن ئۆتتى. ئۇلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئۆزلىرىگىمۇ قوراللىرىنى ئېسىپ قويىدىغان ۋە بەرىكەت تىلەيدىغان مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىر دەرەخنى قىلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى، بۇلار بۇنداق قىلسا توغرا بولىدۇ دەپ ئويلاپ قالغان ئېدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئىنكار قىلىپ ۋە ئاللاھنى ئۇلوغلاپ سۇبھانەللاھ دەپ تەسبىھ ئېيتتى ۋە بۇ سۆزىنىڭ خۇددى مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى دېىڭىزدىن ئۆتكەندە مۇشرىكلارنىڭ بۇتقا چوقۇنغانلىقىنى كۆرۈپ مۇسا ئەلەيھىسسالامغا: بىزگىمۇ ئۇلارنىڭ ئىلاھىغا ئوخشاش بىر ئىلاھ قىلىپ بەرگىن دېگەن سۆزىگە ئوخشايدىغانلىقىدىن خەۋەر بەردى. ئۇلار بۇتقا چوقۇنىۋاتقان كىشىلەرنى كۆرگەندە، ئۆزلىرىگىمۇ چوقۇنۇش ئۈچۈن مۇشرىكلارنىڭ بۇتلىرىغا ئوخشاش بىر بۇت تىكلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى، بۇ ئۇلارنىڭ يولىغا ئەگەشكەنلىكتۇر. ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇشۇ ئۇممەتنىڭ يەھۇدىي ۋە ناسارالارنىڭ يوللىرىغا ئەگىشىدىغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ قىلغىنىنى قىلىدىغانلىقىدىن خەۋەر بېرىپ، ئۇممەتنى بۇنداق ئىشلاردىن ئاگاھلاندۇردى.