ھەدىسنىڭ مەنىسى: پەرىشتىلەر پاك، شەرەپلىك، ئىززەتلىك، تاللانغان مەخلۇقاتلاردىن بولۇپ، ئۇلار ئىت، ئىنسان ياكى ھايۋاننىڭ سۈرىتى بار ئۆيگە كېرىشتىن چەكلىنىدۇ، بۇنىڭدىن ئىت ۋە سۈرەتلەردىن ساقلاش ھارام بولىدىغانلىرى بارلىقى ئىپادىلىنىدۇ، ئەمما ئوۋ ئىتلىرى، زىرائەت ئىتلىرى، چارۋىغا قارايدىغان ئىتلار، شۇنىڭدەك ئېتىبارغا ئېلىنمايدىغان گىلەم، ياستۇق قاتارلىق نەرسىلەردىكى سۈرەت بولسا ھارام ئەمەس، پەرىشتىلەر ئۇ سەۋەپلىك كىرىشتىن چەكلەنمەيدۇ. شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: "كۆرپە-ياستۇقلاردىكى ئېتىبارغا ئېلىنمايدىغان سۈرەتلەر بولسا، كۆپچىلىك ئۆلىمالار بۇنى توغرا دەپ قارايدۇ، شۇنىڭغا ئاساسەن، بۇنداق جايلارغا پەرىشتىلەر كېرىشتىن چەكلەنمەيدۇ"، پەتھۇل بارى 10-توم 382-بەت، تۆھپەتۇل ئەھۋەزى 8-توم 72-بەت، ئوچۇق ئىشىك ئۇچرىشىشى، 85- قېتىملىق ئۇچرىشىش