تابىئىنلاردىن بولغان مەشھۇر ئالىم مەسرۇق مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ يېنىدا تامغا يۆلىنىپ ئولتۇراتتى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۇنىڭغا: «ئۈچ ئىش بار، كىم بۇنىڭ بىرىنى سۆزلىسە ئاللاھقا زور يالغاننى دېگەن بولىدۇ» دېدى، مەسرۇق: «ئۇ قايسى ئىشلار؟» دەپ سورىدى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۇنىڭغا جاۋاپ بېرىپ: بىرىنچىسى: «كىم مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۆز پەرۋەردىگارىنى كۆردى دەپ قارايدىكەن ئاللاھقا زور بۆھتان قىلغان بولىدۇ»، مەسرۇق يۆلىنىپ ئولتۇرغان ئىدى، تۈز ئولتۇرۇپ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا: «قانداقمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز پەرۋەردىگارىنى كۆرمىدى دەيلا؟، ئاللاھ: { ئۇ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) جىبرىئىلنى ھەقىقەتەن روشەن ئۇپۇقنىڭ شەرقىدە كۆردى} ۋە { ئۇ جىبرىئىلنى ھەقىقەتەن ئىككىنچى قېتىم كۆردى} دېگەن تۇرسا» دېدى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۇنىڭغا: ئۆزىنىڭ بۇ ئىككى ئايەت توغرۇلۇق سۇئال سورىغان تۈنجى كىشى ئىكەنلىكىنى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزىگە جىبرىئىلنى ئاللاھ ياراتقان ئەسلى شەكلىدە پەقەت ئىككىلا قېتىم كۆرگەنلىكىنى، بىر قېتىم كۈن چىقىش تەرەپتىكى زېمىندا، نەرسىلەر ئوچۇق كۆرىنىدىغان يەردە، يەنە بىر قېتىم جەننەتنىڭ ئۈستىدە، شەكلىنىڭ چوڭلىقى ئاسمان-زېمىن ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى توسۇپ ئاسماندىن چۈشۈۋاتقاندا كۆرگەنلىكىنى ئېيتىپ بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھ تائالانى كۆرمىگەنلىكىگە دەلىل قىلىپ بۇ ئايەتنى كەلتۈردى: {كۆزلەر ئاللاھنى كۆرمەيدۇ، ئاللاھ كۆزلەرنى كۆرۈپ تۇرىدۇ، ئاللاھ (بەندىلىرىگە) مېھرىباندۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر } ۋە { ئاللاھ ھەر قانداق ئادەمگە پەقەت ۋەھىي ئارقىلىق ياكى پەردە ئارقىسىدىنلا ياكى بىر پەيغەمبەرنى ئەۋەتىپ ئۆز ئىزنى بىلەن ئۇنىڭغا خالىغان ۋەھىينى قىلىش ئارقىلىقلا سۆز قىلغان. ئاللاھ ھەقىقەتەن (مەخلۇقلارنىڭ سۈپەتلىرىدىن) ئۈستۈندۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر }. ئىككىنچىسى: «كىم مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ كىتابىدىن بىر نەرسىنى يوشۇردى دەپ قارىسا ئاللاھقا زور بۆھتان قىلغان بولىدۇ»، ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: {ئى پەيغەمبەر! پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن ساڭا نازىل قىلىنغان ئەھكاملارنىڭ ھەممىسىنى يەتكۈزگىن، ئەگەر تولۇق يەتكۈزمىسەڭ، ئاللاھ تاپشۇرغان ۋەزىپىنى ئادا قىلمىغان بولىسەن. ئاللاھ سېنى كىشىلەرنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلايدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن كاپىر قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ}. ئۈچىنچىسى: «كىم مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋەھىي بىلەن ئەمەس بەلكى ئۆز ئالدىغا ئەتە بولىدىغان ئىشتىن خەۋەر بېرىدۇ دەپ قارايدىكەن ئاللاھقا زور بۆھتان قىلغان بولىدۇ»، بۇ توغرىدا ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: {ئاللاھتىن بۆلەك ھېچ كىشى ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكىلەر غەيبنى بىلمەيدۇ، ئۇلار (يەنى خالايىق) قاچان تىرىلىدىغانلىقلىرىنى بىلمەيدۇ}