بۇرەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق بايان قىلىدۇ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كاپىرلارغا قارشى جىھاد قىلىش ئۈچۈن بىرەر قوشۇن ئەۋەتسە ئۇلارغا بىرىلىكىنى ساقلايدىغان ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىدىغان بىرسىنى باشلىق قىلاتتى، ئاندىن ئۇ كىشىلەرگە ئاللاھ تائالاغا تەقۋادارلىق قىلىشنى تەۋسىيە قىلاتتى ۋە دۈشمەن بىلەن ئۈچراشقاندا نېمە قلىش كېرەكلىكىنى ئۇقتۇراتتى، غەنىمەتلەردىن ئوقۇرلىماسلىق، خىيانەت قىلماسلىق، قىساس ئالماسلىق ۋە ئۇرۇشقا قاتناشمىغان كىچىك، ئاجىز، ئايال، قېرىلارنى ئۆلتۈرمەسلىككە بۇيرۇيتتى. مۇشرىكلار بىلەن ئۇرۇش باشلاشتىن بۇرۇن ئۇلارنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىشقا بۇيرۇيتتى، ئەگەر ئۇلار بۇ ھەقتە مۇسۇلمانلارغا ئىتائەت قىلسا، ئۇلارنى مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشقا قىزىقتۇرۇشنى، ئىلگىركى مۇھاجىرلارغا قانداق ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەت بولسا بۇلارغىمۇ شۇنداق ھوقۇق بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشنى، دېدى. ئەگەر ئۇلار ھىجرەت قىلىشتىن باش تارىتسا، قىشلاقلاردىكى مۇسۇلمان ئەرەبلەرگە قىلىنىدىغان مۇئامىلىدە بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. ئەگەر ئۇلار ئىسلامنى قوبۇل قىلمىسا ئۇلاردىن جىزيە ئېلىشنى، ئەگەردە جىزيەنىمۇ بېرىشنى رەت قىلسا، ئاللاھتىن ياردەم تىلەپ ئۇلارغا قارشى جەڭگە ئاتلىنىشقا بۇيرىدى. ئۇلار بىرەر قورغاننى مۇھاسىرىگە ئالغاندا مۇشرىكلارغا ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئامانلىقىنى بەرمەسلىكنى، ئەمما ئۇلار ئۆزىنىڭ ئامانلىقىنى بېرىشنى تەكىتلىدى، چۈنكى «ئارىدىن بىرەرسى بىلمەستىن بەرگەن ئامانلىقنى بۇزۇپ سالسا» ئۆزلىرى بەرگەن ئامانلىقنى بۇزسا، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ نامىدىن بېرىلگەن ئامانلىقنى بۇزۇشقا قارىغاندا يەڭگىلرەك. ئەگەر ئۇلار ئاللاھنىڭ ھۆكمى بىلەن بىتەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلسا، بۇ ئاللاھنىڭ ھۆكمى دەپ ھۆكۈم قىلماسلىققا بۇيرىدى. چۈنكى ئاللاھنىڭ ئۇلار ھەققىدىكى ھۆكمىنى توغرا تاپالماسلىقى مۈمكىن، بەلكى ئۇلارنى ئۆزلىرى چىقارغان ھۆكمىگە ئۇيغۇن بىر تەرەپ قىلىشقا بۇيرىدى