ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: بىر تۈركۈم كىشىلەر پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن رەمبال-پالچىلار توغرىسىدا سورىغان ئېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئۇلار ھېچ نەرسىنى بىلمەيدۇ» دېدى، ساھابىلار: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! ئۇلارنىڭ بەزى ۋاقىتتا سۆزلىگەن سۆزلىرى توغرا چىقىدىكەنغۇ؟ دېگەن ئېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:« توغرا چىققان سۆز بولسا جىن ئاسماندىن ئوغۇرلاپ ئۇنىڭ قۇلىقىغا مىكيان كوكۇلدىغاندەك دەپ بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ توغرا سۆزگە يۈزدىن ئارتۇق يالغاننى ئارىلاشتۇرىدۇ». تېكىست توغرا - بىرلىككە كەلگەن
explain-icon

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن كەلگۈسىدە يۈز بېرىدىغان غەيبى ئىشلاردىن خەۋەر بېرىدىغان كىشىلەر توغرىسىدا سورالغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ سۆزىگە پەرۋا قىلماڭلار، ئاڭلىماڭلار، ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى چوڭايتىۋەتمەڭلار دېدى. ساھابىلار: بەزى ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ سۆزى توغرا چىقىپ قالىدىكەنغۇ؟ خۇددى غەيبى ئىشتىن خەۋەر بېرىپ پالانى ئاينىڭ پالانى كۈنىدە مۇنداق ئىش بولىدۇ، دېسە، ئۇ ئىش ئۇلارنىڭ سۆزىگە مۇۋاپىق كىلىپ يۈز بېرىدىكەنغۇ دېگەندە. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «جىن ئاسماننىڭ خەۋىرىدىن ئوغۇرلۇقچە ئاڭلىغاننى رەمبال-پالچىدىن ئىبارەت ئۆزىنىڭ يېقىنلىرىغا ئىلىپ چۈشۈپ، ئاڭلىغانلىرىنى ئۇلارغا ئېيتىپ بېرىدۇ، رەمبال-پالچىلار جىن يەتكۈزگەن بۇ سۆزگە يۈز يالغاننى قېتىپ ئاڭلىتىدۇ دېدى».

explain-icon

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  • رەمبال-پالچىلارغا ئېشىنىشتىن چەكلىدى، بەزى ۋاقىتتا توغرا چىقىپ قالسىمۇ لېكىن ئۇلارنىڭ ئېيتقانلىرى يالغان، توقۇلما سۆزدىن ئىبارەتتۇر.
  • پەيغەمبىرىمىز ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلىش بىلەن ئاسمانلار شەيتانلارنىڭ ۋەھيىنى ياكى ئۇنىڭدىن باشقا خەۋەرلەرنى ئوغۇرلۇقچە ئاڭلىۋىلىشىدىن مۇھاپىزەت قىلىندى، ئوت يۇلتۇزلىرى ئۇلارنى يىقىنلاشتۇرمىدى.
  • جىنلار ئۆزلىرىگە ئىنسانلاردىن سىرداش دوستلارنى تۇتىدۇ.