ھەدىسنىڭ مەنىسى: كىمكى ئۆزىنىڭ قەلبى بىلەن ياكى ئەمەلىيىتى بىلەن ياكى ھەر ئىككىسى بىلەن بىر نەرسىگە بۇرۇلۇپ، ئۇ نەرسىدىن پايدا-مەنپەئەت ئۈمىد قىلسا، ئاللاھ ئۇ كىشىنىڭ قەلبىنى شۇ نەرسىسىگە تاپشۇرىدۇ، كىمكى قەلبىنى ئاللاھقا باغلايدىكەن، ئاللاھ ئۇ كىشىگە ئۆزى كۇپايە قىلىدۇ، ئۇنىڭ قىيىن ئىشلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدۇ، كىمكى قەلبىنى ئاللاھتىن باشقىغا باغلىسا، ئاللاھ ئۇ كىشى خار قىلىپ قەلبىنى باغلىغان شۇ نەرسىگە تاشلاپ قويىدۇ