ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! قىيامەت كۈنىدە سىلىنىڭ شاپائەتلىرى بىلەن ئەڭ بەختلىك بولىدىغان كىشى كىم؟ دېيىلگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئى ئەبۇ ھۈرەيرە! سەندىن ئىلگىرى بۇ توغرىدا ھېچ كىشى بىر نەرسە سورىمايدۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم، سېنىڭ ھەدىسكە بولغان ھېرىسمەنلىكىڭنى كۆرگەنلىكىم ئۈچۈن ساڭا ئېيتىپ بېرەي: «قىيامەت كۈنىدە مېنىڭ شاپائىتىم بىلەن ئەڭ بەختلىك بولىدىغان كىشى چىن قەلبىدىن ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ئىلاھ يوق دەپ شاھادەت ئېيتقان كىشىدۇر» دېدى. تېكىست توغرا - بۇخارى رىۋايىتى
explain-icon

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قىيامەت كۈنىدە ئۆزىنىڭ شاپائىتى بىلەن ئەڭ بەختلىك بولىدىغان كىشىنىڭ: «چىن قەلبىدىن ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ئىلاھ يوق دەپ شاھادەت ئېيتقان» يەنى پەقەت ئاللاھدىن باشقا ھەقىقى مەبۇد يوقتۇر دېگەن، شېرىكتىن ۋە رىيادىن سالامەت قالغان كىشى ئىكەنلىكىدىن خەۋەر بەردى.

explain-icon

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  • ئاخىرەتتە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۈچۈن بولغان شاپائەتنى ئىسپاتلاش، چۈنكى ئۇ شاپائەت پەقەتلا ئاللاھنى بىر دەپ ئېتىقاد قىلىدىغان مۇۋەھھىدلەرگىلا بولىدۇ.
  • پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ شاپات قىلىشى بولسا ئۇ ئاللاھنى بىر دېگۈچى مۇۋەھھىدلەردىن دوزاخقا ھەقلىق بولغان كىشىنىڭ دوزاخقا كىرمەسلىكى ياكى دوزاخقا كېرىپ بولغان كىشىنىڭ دوزاختىن چېقىشى ئۈچۈن ۋاستە بولۇشتىن ئىبارەتتۇر.
  • ئاللاھ ئۈچۈن بولغان خالىس تەۋھىد كەلىمىسىنىڭ پەزىلىتى ۋە ئۇنىڭ تەسىرىنىڭ كاتتا بولىدىغانلىقى.
  • تەۋھىد كەلىمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش بولسا ئۇنىڭ مەنىسىنى بىلىش ۋە تەقەززاسى بويۇنچە ئەمەل قىلىش بىلەن بولىدۇ.
  • ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ پەزىلىتى ۋە ئىلىمغا بولغان ھېرىسمەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.