مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى ئۇممۇ سەلەمە ھەبەشىستاندا كۆرگەن مارىيە ئىسىملىك بىر چېركاۋنى تىلغا ئېلىپ ئۇ چېركاۋدا كۆرگەن نەقىش، سۈرەتلەرنى كۆرۈپ ھەيران قالغانلىقىنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە تەسۋىرلەپ بەردى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ سۈرەت قويۇشتىكى سەۋەپلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «سەن ئەھۋالىنى بايان قىلغان ئاشۇ كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا ياخشى كىشىدىن بىرسى ۋاپات بولسا، ئۇنىڭ قەبرىسىنىڭ ئۈستىگە مەسچىت بىنا قىلىپ ئۇ يەردە ناماز ئوقۇيتتى ۋە ئۇنىڭ سۈرەتلىرىنى تىكلەيتتى». بۇنداق قىلغۇچى ئاللاھنىڭ نەزىرىدە مەخلۇقاتلارنىڭ ئەڭ ناچىرى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ بەردى، چۈنكى ئۇنىڭ قىلمىشى ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرۈشكە ئېلىپ بارىدۇ.