پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر كۈنى ئەبۇ بەكرى ۋە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قاتارلىق بىر قانچە كىشى بىلەن ئولتۇراتتى، رەسۇلۇللاھ ئارىدىن قوپۇپ كېتىپ، خېلى ئۇزۇنغىچە قايتىپ كەلمىدى، ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا باشقىلار تەرىپىدىن زىيان يېتىپ قىلىشىدىن ئەنسىرەپ ئالاقزادە بولدى، چۈنكى رەسۇلۇللاھقا مۇناپىقلار، دىن دۈشمەنلىرى زىيانكەشلىك قىلىشقا ئۇرۇناتتى. ساھابىلار ئەندىشە قىلىشقا باشلىدى، بىرىنچى بولۇپ ئەنسىرىگەن كىشى ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بولدى، ئۇ ئەنسارىلاردىن بەنى نەججار قەبىلىسىنىڭ بېغىغا كېلىپ، باغنىڭ ئەتراپىنى ئايلىنىپ، كىرىدىغان ئىشىك تاپالماي تۇرغاندا، باغقا سۇ كىرىدىغان سۈڭگۈچنى بايقاپ قېلىپ شۇ يەردىن تۈگۈلۈپ باغقا كىردى، ئۇ رەسۇلۇللاھنى باغدا ئۇچراتتى، رەسۇلۇللاھ: ئەبۇ ھۇرەيرەمۇ؟ دېگەندە. ئەبۇ ھۇرەيرە: ھەئە، دېدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا راستچىل ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن بىر جۇپ ئايىقىنى بېرىپ، ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: سەن بۇ ئىككى كەشنى ئېلىپ، بۇ باغنىڭ ئەتراپىدا ئاللاھتىن باشقا ھېچ بىر ئىلاھنىڭ يوقلۇقىنى چىن قەلبىدىن ئىقرار ۋە ئېتىراپ قىلغان ھالەتتە ئۇچرىغان ھەر بىر كىشىگە جەننەت بىلەن خۇش-بېشارەت بەرگىن! دېدى. بۇ سۆزلەرنى چىن قەلبىدىن ئېيتقان كىشى ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلىپ، چەكلىگەن ئىشلاردىن يېنىشى ئېنىق، چۈنكى بۇ سۆزلەرنىڭ مەنىسى: ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچبىر ئىلاھ يوقتۇر، بۇ بۈيۈك سۆزنىڭ مەنىسى يۇقارقىدەك بولسا، ئۇ ئادەمنىڭ شېرىكى يوق بىر ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىشىدا شەك يوق. ئەمما بۇ سۆزلەرنى تىلى بىلەن دەپ قويۇپ قەلبىدە ئىشەنمىگەن بولسا ئۇ كىشىگە پايدىسى بولمايدۇ