پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھېچقانداق نەرسىدىن شۇملۇق ھىس قىلمايتى. مەقسەت قىلىنغىنى جاھىليەت ئەھلىدەك بىرەر ئىشنى قىلىشتىن توسۇپ قويىدىغان شەكىلدىكى شۇملۇق ھىس قىلىش بولۇپ، ئىسلام دىنى شۇملۇق ھىس قىلىش، قۇش ئۇچۇرۇپ بەلگىلەش، پال ئوقلىرى بىلەن پال سېلىشتەك ئىشلارنى چەكلەپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئىستىخارە نامىزىنى يولغا قويغان