پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ مۇنداق دېگەنلىكىدىن خەۋەر بېرىدۇ: ھەقىقەتەن ئاللاھ شېرىكلەرنىڭ شېرىكلىكىدىن بىھاجەتتۇر، ئاللاھ ھەرقانداق نەرسىدىن بىھاجەتتۇر. ئىنسان تائەت-ئەمەللەرنى قىلىپ ئۇنى ئاللاھنىڭ غەيرى ئۈچۈن قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇ ئەمەلنى تاشلىۋېتىدۇ، ئۇ كىشىدىن قوبۇل قىلمايدۇ، ئۇنى ساھىبىغا قايتۇرىۋېتىدۇ. ئەمەلنى ئاللاھ ئۈچۈن خالىس قىلىش كېرەك، چۈنكى ئاللاھ تائالا ئەمەللەردىن پەقەت ئۆزىنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن خالىس قىلىنغانلىرىنى قوبۇل قىلىدۇ.