پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىرقانچە ساھابىلار بىلەن بىرگە بولغان بىر سورۇندا ئۇلاردىن ئۈچ قېتىم بەيئەت قىلىشنى ۋە تۆۋەندىكى ئىشلارنى لازىم تۇتۇشقا ۋەدە بېرىشنى تەلەپ قىلغان: بىرىنچىسى: يالغۇز بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش، ئاللاھنىڭ بۇيرىقىغا بويسۇنۇش، چەكلىمىلىرىدىن يىراق بولۇش، ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەسلىك. ئىككىنچىسى: بىر كېچە-كۈندۈزدە ئادا قىلىش پەرز بولغان بەش ۋاقىت نامازنى ئادا قىلىش. ئۈچىنچىسى: مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشىلىرىغا ئىگە بولغان رەھبەرلەرگە ياخشى ئىشلاردا بويسۇنۇش ۋە سۆزىنى ئاڭلاش. تۆتىنچى: ئېھتىياجلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئاللاھدىن سوراش، ئىنسانلاردىن بىر نەرسە سورىماسلىق دېگەن سۆزلەرنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پەس ئاۋازدا دېدى. ساھابىلار (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن) قىلغان بەيئىتىگە ئەمەل قىلدى، ھەتتا ھەدىسنى رىۋايەت قىلغۇچى راۋىي مۇنداق دەيدۇ: مەن ئۇ ساھابىلاردىن بەزىسىنى كۆردۈم، ئۇلارنىڭ بىرىنىڭ قامچىسى يەرگە چۈشۈپ كەتگەندىمۇ ھېچ كىشىدىن ئۇنى ئېلىپ بېرىشنى سورىمايتتى، بەلكى ئۆزى ئاتتىن چۈشۈپ ئېلىپ يەنە ئېتىغا مىنەتتى.