كەبشە بىنتى سابىت رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مېنى يوقلاپ كەلگەندە، ئۇ ئۆرە تۇرۇپ ئېسىقلىق تۇرغان تۇلۇمنىڭ ئاغزىدىن سۇ ئىچتى، ئۇ جايدا ئۆرە تۇرۇپ ئېچىشتىن باشقا ئىمكان بولمىغاچ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام شۇنداق قىلغان، مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سۇ ئىچكەن تۇلۇمنىڭ ئاغزىنى كېسىۋالدىم ۋە تەۋەررۇك ئۈچۈن ۋە ئېتىبارسىز بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن ساقلاپ قويدۇم