explain-icon

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ساھابىلارنى ھەر قانداق بۇت-ھەيكەل يەنى روھ مۇجەسسەملەشكەن بولسۇن ياكى ئۇنداق بولمىسۇن ھېچ بىرىنى قالدۇرماي يوق قىلىش ۋە ئىزىنى قويماسلىققا بۇيرۇپ باشقا جايلارغا ئەۋەتەتتى. ئېگىز قاتۇرۇلغان قەبرىلەر بولسا ئۇنى تۈزلىۋېتىشكە، ئۈستىدە گۈمبەز بولسا ئۆرىۋېتىشكە زېمىندىن بىر غېرىچتىن ئارتۇق بولغاننى تۈزلىۋېتىشكە بۇيرىتتى.

explain-icon

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  • روھ مۇجەسسەملەشكەن سۈرەتلەرنىڭ ھارام ئىكەنلىكى، چۈنكى ئۇ شۇ دەۋرىدە شېرىككە ئىلىپ بارىدىغان ۋاستىلاردىن ئېدى.
  • مۇنكەر ئىشنى ئۆزگەرتىشكە قۇدىرتى بولغان ۋە ھوقۇقى بولغان كىشىلەرنىڭ ئۇنى قولى بىلەن ئۆزگەرتىشى يولغا قويۇلغان.
  • پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام جاھىلىيەتنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى ئىپادىلەيدىغان سۈرەت، ھەيكەل، قەبرىنىڭ ئۈستىگە قاتۇرۇلغان گۈمبەز قاتارلىق نەرسىلەرنى يوق قىلغان ئىدى.