بىر كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن: جەننەتكە كېرىشنى ۋە دوزاخقا كېرىشنى ۋاجىپ قىلىدىغان ئىككى خىسلەتتىن سورىدى؟. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە: جەننەتنى ۋاجىپ قىلىدىغان خىسلەت؛ ئىنسان يالغۇز بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىپ ئۇنىڭغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەي ۋاپات بولۇش دەپ جاۋاپ بەردى. دوزاخنى ۋاجىپ قىلىدىغان خىسلەت بولسا: ئىنسان ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرۈش، ئاللاھقا ئىلاھلىقتا، رەبلىكتە ياكى ئىسىم-سۈپەتتە بىر نەرسىنى باراۋەر قىلىپ ئۆلۈپ كېتىشتۇر.