ئەنەس بىن مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ شۇنداق دەيدۇ: ساھابىلار مەسچىتتە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن ئولتۇرغان ۋاقىتتا تۇيۇقسىز تۆگىگە مىنگەن بىر كىشى مەسچىتكە كېردى، تۆگىسىدىن چۈشتى ۋە ئۇنى باغلىدى، ئاندىن ئۇلاردىن : سىلەرنىڭ قايسىڭلار مۇھەممەد؟ دەپ سورىدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ساھابىلارنىڭ ئارىسىدا يۆلۈنۈپ ئولتۇراتتى، بىز: بۇ يۆلۈنۈپ ئولتۇرغان ئاق يۈزلۈك كىشى دېدۇق. ئۇ ئادەم پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا: ئى ئابدۇلمۇتەللەبنىڭ ئوغلى دېدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «ساڭا ئاڭلاتتىم، سورىغىن جاۋاپ بېرىلىسەن». ئۇ كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا: مەن سەندىن بىر قانچە سوئال سورايمەن، سوئالنى قوپالراق سورايمەن، كۆڭلىڭدە ماڭا ئاچچىقلانما؟دېدى. يەنى: ماڭا ئاچچىقلانما، ئېچىڭ سىقىلمىسۇن، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «خالىغىنىڭنى سورىغىن»دېدى. ئۇ كىشى: سېنىڭ ۋە سەندىن ئىلگىركىلەرنىڭ رەببى بىلەن سورايمەن: ئاللاھ تائالا سېنى ئىنسانلارغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتىمۇ؟دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ بىلەن قەسەم! ھەئە»دەپ ئۆزىنىڭ ھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ كىشى: ئاللاھنىڭ نامى بىلەن سورايمەن! ئاللاھ تائالا سېنى ۋە بىزنى بىر كېچە-كۈندۈزدە بەش ۋاقىت ناماز ئوقۇشقا بۇيرىدىمۇ؟ دېدى. (يەنى پەرز نامازلار). پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ بىلەن قەسەم! ھەئە»دېدى، ئۇ كىشى: ئاللاھنىڭ نامى بىلەن سورايمەن! ئاللاھ تائالا سېنى بىزلەرنى يىلدا بىر ئاي روزا تۇتۇشقا بۇيرۇشقا بۇيرىدىمۇ؟ دېدى، يەنى رامىزان روزىسىنى تۇتۇش. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ بىلەن قەسەم! ھەئە»دېدى، ئۇ كىشى: ئاللاھنىڭ نامى بىلەن سورايمەن! ئاللاھ تائالا سېنى بىزلەرنىڭ بايلىرىمىزدىن سەدىقە ئىلىپ كەمبەغەللەرگە تەقسىم قىلىپ بېرىشكە بۇيرىدىمۇ؟ دېدى. (يەنى زاكات). پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ بىلەن قەسەم! ھەئە»دېدى، زىمام مۇسۇلمان بولدى، ئۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا: ئۆزىنىڭ قايتىپ بېرىپ قەۋمىنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئاندىن ئۆزىنى تونۇتتى، ئۇ بەنى سەئەد بىن بەكىرنىڭ قېرىندىشى زىمام بىن سەئلەبە ئېدى.