بۇ ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم ئىسرا ۋە مىئراجقا چىققان كۈنى جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدىن ئۆتكەنلىكىنى، ئۇ ئاللاھتىن قاتتىق قورققانلىقتىن كونا كىيىمدەك نازۇك ھالدا تۇرغانلىقىنى بايان قىلىپ بەرگەن، بۇ جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامنىڭ پەزىلىتىنى كۆرسىتىپ بەرگەن، چۈنكى كىم ئاللاھنى ياخشى تونۇسا، ئاللاھتىن بەكرەك قورقىدۇ