مۇسۇلمانلار ئۇھۇد كۈنى غەلبە قىلغان ئىدى، ئوقچىلار رەسۇلۇللاھنىڭ بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلغاندىن كېيىن مەغلۇپ بولدى، بەزى كىشىلەر رەسۇلۇللاھنى قويۇپ قېچىپ، مەدىنە ئەتراپىدىكى يىزا-قىشلاقلارغا بېرىپ توختىغاندىن كىيىن، يەنە رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلدى، شۇ ۋاقىتتا ھەنزەلە ئىبنى ئەبى ئامىر بىلەن مۇشرىكلارنىڭ كاتتىۋېشى ئەبۇ سۇفيان جەڭ مەيدانىدا ئۇچرىشىپ قالدى، ھەنزەلە ئەبۇ سۇفياننى بېسىۋىلىپ، ئۆلتۈرۈشكە ئاز قالغاندا شەدداد ئىبنى ئەسۋەد كۆرۈپ، ھەنزەلەگە قىلىچ ئۇرۇپ ئۇنى شېھىت قىلدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ساھابىلارغا: ھەنزەلەنى مالائىكىلەر يۇيۇۋاتىدۇ، دەپ خەۋەر قىلىپ، ئۇلارنى ئۇنىڭ ئەھۋالىنى ئايالىدىن سوراپ بېقىشقا بۇيرىدى، ئايالى ئۇلارغا: جەڭگە چاقىرىلغاندا، ئۇ ئۆيدىن جۇنۇپ ھالدا چىقىپ كەتكەن،- دېدى، رەسۇلۇللاھ ئۇلارغا: ئۇ جۇنۇپ ھالەتتە شەھىد قىلىنغانلىقى ئۈچۈن پەرىشتىلەر ئۇنى يۇيغانلىقىنى خەۋەر بەردى