پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ساھابىلارغا شۇنداق بىر ۋەز-نەسىھەت قىلدىكى، ئۇنىڭدىن دىللار ئۆرتىنىپ، كۆزلەردىن ياشلار قۇيۇلدى. ئۇلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەز-نەسىھەتنى ناھايتى بەك كۈچلۈك قىلغانلىقىنى كۆرگەندە بۇنى گويا خوشلىشىدىغاندەك بىر ۋەز-نەسىھەتكە ئوخشىتىپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام دۇنيادىن كەتكەندىن كېيىن، چېڭ ئېسىلىدىغان بىر ۋەسىيەت قىلىشنى تەلەپ قىلدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ تائالاغا تەقۋادارلىق قىلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن، بۇ ۋاجىپلارنى ئادا قىلىش ۋە ھارام ئىشلارنى تەرك قىلىش بىلەن بولىدۇ» دېدى. سىلەرگە رەھبەر بولغانلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، بۇيرىقىغا ئىتائەت قىلىش، ئەگەر سىلەرگە بىر قارا قۇل يەنى كىشىلەر ئارىسىدىكى ئەڭ ئاددى بىر كىشى-رەھبەر بولسا ياكى ھۆكۈمرانلىق قىلسىمۇ پىتنە-پاسات پەيدا بولۇشتىن ئەنسىرەپ ئۇنىڭغا قارشى چىقماي، باش تارتماي ئىتائەت قىلىڭلار، سىلەردىن ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن كىشىلەر مەندىن كېيىن نۇرغۇن ئىختىلاپلارنى كۆرىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ ئىختىلاپتىن چېقىشنىڭ يولىنى بايان قىلىپ بەردى، ئۇ بولسىمۇ؛ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن توغرا يول تۇتقان ئەبۇ بەكىر سىددىق، ئۆمەر بىن خەتتاب، ئوسمان بىن ئەپپان، ئەلى بىن ئەبۇ تالىپ (ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن رازى بولسۇن) قاتارلىق ئىز باسار خەلىپىلەرنىڭ يولىغا ئەگىشىش، ئۇلارنىڭ يولىغا چېڭ ئېسىلىش، (يەنى سۈننەتتە مۇستەھكەم تۇرۇشنى لازىم تۇتۇش). دىندا يېڭىدىن پەيدا بولغان بىدئەت ئىشلاردىن ئاگاھلاندۇردى ۋە ھەر قانداق بىدئەتنىڭ ئازغۇنلۇق ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدى.